باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېز قوزغايلى

2015.11.02 15:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 30 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ھەرىكەت قىبلىنەماسى بېكىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەر ئىدىيەنى ئومۇمىي يىغىن ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ۋەدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا چاقىرىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى چوڭقۇر تونۇلۇپ ھەم توغرا ئىگىلىنىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «تەكلىپ»تە ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرگە ئىگە، پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ كۆزىتىش ۋە پىلانلاش كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، پارتىيە، ئارمىيە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. بىز كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرىنى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيە، مەملىكەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، بېيىشى، ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى بىلەن باغلاپ، مۇقەددەس ۋەزىپىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش −− تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ماس تەرەققىياتتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش −− تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېشىل تەرەققىياتتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش −− ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش −− تەرەققىياتتىكى ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش −− ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى «13 - بەش يىل»، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىياتتىكى كۈچەش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز جەزمەن بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىر تۇتاش ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يىغىن روھىنى تېزدىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىدىيەنى يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «31 - بەش يىل»دىكى جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر