باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىردا چۈشۈپ كەتتى

2015.11.02 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىرنىڭ شامشەيىختىن رۇسىيەنىڭ سانكىت پىتىربورگقا قاراپ ئۇچقان رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈنۈگۈن سەھەردە قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 224 ئادەمدىن بىرىمۇ ھايات قالمىدى، يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەلىك. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى پەرمان چۈشۈرۈپ، 1-نويابىر مەملىكەتلىك ماتەم كۈنى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر بۇ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى بېكىتىلمىدى، تېخنىكىلىق كاشىلا بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىلماقتا.

  مىسىر خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاي مىسىرنىڭ غەربىي سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئارىش رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەسەننار تاغلىق رايونىدا بولۇپ، ئايروپىلان قوزغالغان جاي شامشەيىخ بىلەن بىۋاسىتە ئارىلىقى تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن مەيداندىكى مىسىرنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى، قۇتقۇزغۇچىلار نەق مەيداندىن يۈزچە جەسەتنى بايقىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 بالا بار. ھازىر 50 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيداندا قۇتقۇزماقتا. مىسىر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە قۇتقۇزۇش ئەترىتى جەسەتلەرنى قاھىرەدىكى ئىككى دوختۇرخانىغا توشۇماقتا.

  مىسىر زۇڭلىسى شەرىف ئىسمايىل شۇ يەر ۋاقتى 31-ئۆكتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: مىسىردا ھادىسىگە ئۇچرىغان رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى، ھازىر 129 جەسەت بايقالدى دېدى.

  ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى خاتىرىلەر تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراش تەپسىلاتى جەزملەشتۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر