باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2015.11.02 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ھەم تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ھەم كۈلپەت ئېڭىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەزكەز قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ بەھىرلىنىدىغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن «تەكلىپ» نىڭ روھىغا ئاساسەن، 13-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش تەرتىپىنى باشلاپ، پىلان پروگراممىسىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. ھەر قايسى تارماقلار ئالدىنقى باسقۇچتا ئىشلىگەن تەييارلىق خىزمەتلىرىدا ئاساسىدا، تۈرلۈك مەخسۇس پىلانلارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، «تەكلىپ» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە تەلەپلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك پىلانلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى تاماملاپ، 13-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى باشلاپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر