باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچاڭ كورېيە زۇڭتۇڭى پاكھوننى ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.02 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 1- نويابىر چۈشتىن كىيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچاڭ 6- قېتىملىق جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كىيىن، كورېيە زۇڭتۇڭى پاكھوننى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچاڭ مۇنداق دېدى: ئۇچ دۆلەت رەھبەرلىرى، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، ھەمدە ئۇچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى قايتا تەكىتلىدۇق، تارىخ قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخقا توغرا قاراپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە، مۇشۇ ئاساستا رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، 2020- يىلدا شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ يۈزلىنىپ، ئاسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بىردەك قوشۇلدۇق.

  لى كېچاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە شەرقىي ئاسىيادىكى ئۇچ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە. جۇڭگو ياپونىيە ۋە كورېيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ئاخىرى ئىناق قوشنىدارچىلىق دوست ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ يەتكۈزۈش روھى بويىچە تۈرتكە بولۇپ كەلدى. مەن، ئۇچ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ ، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چاقنى تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىخەتەر ۋە تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر