باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇشنى چوقۇم قانۇن بويىچە يولغا قويۇش كېرەك، جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىگە بولمايدۇ

2015.11.02 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى جۇڭگو نوپۇس گېزىتى، ساغلاملىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، جايلار، تارماقلار چوقۇم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ياخشى بولغان پىلانلىق تۇغۇت تەرتىپىنى ساقلاپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك. پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  مۇخبىر: قىسمەن جايلارنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە يۈرۈشلەشكەن قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىپ يولغا قويۇشتىن بۇرۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىككى بالىلىق بولغانلارنى ماھىيەتلىك بىر تەرەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

  يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى: ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە يولغا قويۇش كېرەك. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە يۈرۈشلەشكەن قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى سۇنۇلىدۇ. ئۆزگەرتىلگەن «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» يولغا قويۇلغان كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويغان كۈن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، جايلار، تارماقلار چوقۇم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ياخشى بولغان پىلانلىق تۇغۇت تەرتىپىنى ساقلىشى، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر