باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى ئامما پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2015.11.02 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىشان بولسا، ئىرادە بولسا، چوقۇم ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك قەدەممۇ قەدەم بىزگە يېقىنلاپ كەلدى، بۇ كىشىنى ناھايىتى ھاياجانغا سالىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى گەننەن ناھىيەسى شىڭشىسى كەنتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى فۇ خۇاتىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى + يېزا، +يېزا ئىگىلىكى،+دېھقاندىن ئىبارەت يېڭلىق يارىتىشچان تەرەققىياتتا ئەڭ ئاخىرى دېھقانلارنى تېخىمۇ باي قىلىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدىكەن.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنى 29-ئۆكتەبىر يېپىلغاندىن كېيىن جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما: ئومۇمىي يىغىن 13-بەش يىللىق يېڭى ئۇلۇغ پىلان تۈزۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يىغىندا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل تەرەققىي قلىش، ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرلىنىشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەرەققىيات يېڭى مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھىيلەندى، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك دەپ قارىدى.

  بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو خوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگۈەنسۈن رايونى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىر تۇغ، كەلگۈسى 5 يىلدا بىز مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىدا تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق قارىتىش مەركىزى قۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭدوڭ مىڭياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ چۈەنۋېي ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ئېنېرگيە كەسپىدىكى زور تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېنېرگيە ئىنقىلاۋى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى شىرىنغۇل ئايماقلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاۋ يوڭچيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:13-بەش يىللىق پىلاندا بېكىتىلگەن تەرەققىيات نىشانى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىي چېگرىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھام بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.لاسا چېڭگۈەن رايونى سىجياۋلىن كەنتىدىكى بوۋاي دەنزېڭداۋا ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىركى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر كەنتىمىزدىكى %90 كىشىنىڭ تۇرمۇشى باياشاد، ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى بەش يىلدا كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باينغۇلىن كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابلىز قېيۇم مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق پىلاندا خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، نامراتلارنى يۆلەش نىشانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پىلاندىكى يارقىن نۇقتا، ئۇ جۇڭگونىڭ، دەۋرنىڭ تارىخ مۇساپىسىغا يېزىپ كىرگۈزۈلىدۇ.

  گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، گۈيئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن رۇپېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، گۈيجۇ ۋە گۈيئەن يېڭى رايونىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  خەينەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى كەسپى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ جيەنۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى يېزا رايونلىرىدىكى بالىلار بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولۇپ، ئاساسى قاتلامدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە زور ئىلھام بولدى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، خوڭدۇ گۇرۇھىنىڭ لىدىرى جۇ خەيجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا يېڭىلىق يارىتىش دېگەن سۆزنىڭ جەمئىي 27 قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كىشىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر