باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

2015.11.02 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى مەخسۇس ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىز 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تاماملاش ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - تەلەپلىرى، شۇنداقلا بۇ نىشانغا يېتىشتە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ماس، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوقۇم مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئەمەلىيەتكە ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى؛ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتتىكى ئىچكى تەلەپلىرىگە ماسلاشتى؛ ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىستېمىلىق كىرىش سۆز ۋە كۈچلۈك يېتەكچى ھېسابلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە يۈكسەك ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۆزلەشتۈرۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، 12 - بەش يىللىق پىلاندىكى نىشان، ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ھەم 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى بالدۇر پىلانلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، دەپ قارالدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ماددىمۇ ماددا ئۆگىنىپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قىزىل سىزىقنى ساقلاپ، تۆۋەن سىزىقتىن ھالقىماي، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىشلىتىشتە، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پاك - تەلەپچان بولۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر