باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۈچ ئەمەلدار مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاندى

2015.10.30 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 29-ئۆكتەبىر يېپىلدى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن ليۇ شاۋكەي، چېن جىرۇڭ، جىن جېنجىنى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاش قارار قىلىندى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇلار لىڭ جىخۇا، جۇ بېنشۈن ۋە ياڭ دۇڭلياڭلار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىغاندىن كېيىن بوش قالغان ئورۇنغا تولۇقلاندى.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدە ليۇ شاۋكەي، چېن جىرۇڭ، جىن جېنجىنىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى ئۈچنىڭ تۇرغان.

  بۇ ئۈچ ئەمەلدار ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، گۇيجۇ، خەينەن ۋە جىلىن ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ليۇ شاۋكەي ئۆلكىلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، چېن جىرۇڭ بىلەن جىن جېنجى ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىكەن.

  ئۈچەيلەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىر مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان ئۈچەيلەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىر.

  ليۇ شاۋكەي 1962-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، مياۋزۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجياڭ دېگەن يېرىدىن. چيەندۇڭنەن مياۋزۇ ، تۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 14 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان.

  چېن جىرۇڭ، 57 ياش، ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە يېشى چوڭ ئەمەلدار. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىشەن دېگەن يېرىدىن، لىزۇ. ئۇ ئەڭ دەسلەپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق خەينەن لىزۇ، مىياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىشلىگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن خەينەن ئۆلكىلىك بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى بولغان ۋە ئۈچ يىل خەينەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان.

  جېن جېنجى 1959-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، چاۋشيەنزۇ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنجى دېگەن يېرىدىن. 1992-يىلى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىشلىگەن، 2007-يىلى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  ليۇ شاۋكەي قاتارلىق ئۈچ كىشىدىن باشقا، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە يەنە ما بياۋ، ۋاڭ جېڭۋېي، بايىنجاۋلۇ، باتېر، بەيماچىلىن قاتارلىق ئون ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بار.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ 26گە يەتكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر