باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5 مىليونغا يېقىن ئائىلىلىك ۋە 14 مىليون كىشى تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ

مەملىكەت بويىچە نوپۇس تاللاپ تەكشۈرۈلۈپ ئۆيلەرگە كىرىپ تىزىملايدۇ

2015.11.02 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، ئۆيلەرگە كىرىپ تىزىملاش 1-نويابىر باشلاندى.2010-يىلى مەملىكەت بويىچە 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن ھازىرغىچە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى 2010-يىلدىن بۇيان ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ سان، سۈپەت، قۇرۇلما، جايلىشىش ۋە ئولتۇراقلىشىش جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلەشتۇر.

  بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشتە مەملىكەت چېگراسى ئىچىدىن 60 مىڭ تەكشۈرۈش رايونى، جەمئىي 14 مىليون كىشى يەنى 5 مىليون ئائىلىلىك تاللىنىدۇ، ئۆيگە كىرىپ تەكشۈرۈش ۋاقتى يېرىم ئاي بولۇپ، 1-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە بولىدۇ، توردا تولدۇرۇشنى تاللىغان تەكشۈرۈش ئوبيېكتىلىرى 7-نويابىردىن بۇرۇن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىگە كىرىپ تولدۇرسا بولىدۇ، 8-نويابىردىن باشلاپ تەكشۈرگۈچى ۋاقتىدا تولدۇرمىغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تولۇقلاپ تىزىملايدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكىلاپ تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار، ھەر دەرىجىلىك ئىستاتىستىكا تارماقلىرى ۋە تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي ساقلىشى ۋە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلىشقا قاتتىق چەك قويۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي قىلمىشىنىڭ ئاساسى قىلماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر