باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.10.30 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  ئومۇمىي يىغىن بارلىق پارتىيەلىك يولداشلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان تەلىپى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ خەلقنىڭ ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2015-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2015-يىلى 26-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 199 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 156 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر