باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لازىم

ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتى قاچان ئەمەلىيلىشىدۇ؟

ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىدە تۆت ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈش كېرەك، ئالدىراپ تۇغسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھىسابلىنىپ، جەرىمانە قويۇلىدۇ

2015.10.30 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : «يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشنى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلغاندا، ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىدە تۆت ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈش كېرەك،

  1-ئۆتكەل: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىدىن ئۆتۈشى؛ 2- ئۆتكەل: گوۋۇيۈەننىڭ تۈزۈش، تەڭشەش پىكرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى؛ 3- ئۆتكەل: جايلارنىڭ يولغا قويۇش لايىھىسىنى تەستىقلىشى؛ 4- ئۆتكەل: يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيپىڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتىنى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى جايلارنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لازىم

  جياڭ ۋېيپىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى«يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى بالىلىق بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشتە يەنىلا قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالدى بىلەن قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

   ئالدىراپ تۇغسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھىسابلىنىپ، جەرىمانە قويۇلىدۇ

  نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»غا ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پىلانلىق تۇغۇت كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئـاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ. جياڭ ۋېيپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۈچۈن پەقەت پىرىنسىپال بەلگىلىمە چىقارغان، كونكرېت تۇغۇت سىياسىتىن ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ «يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم جايلار مۇناسىپ ھالدا پىلان بىلەن پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ سەۋەبتىن جايلاردا سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ۋاقىت پەرقى كىلىپ چىقتى.

  مەسىلەن، 2014-يىلى 1-ئايدا جىېجياڭ، ئەنخۇي ۋە جياڭشى ئۆلكىسىدە «يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى ئالدىن يولغا قويۇلدى، 3-ئايدىن كۆپ قىسىم ئۆلكىلەر مەركەزلەشتۈرۈپ يولغا قويۇلۇپ، 9 -ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان - بولمىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

  سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىدىن بۇرۇن ئالدىراپ ئىككى بالىلىق بولغۇچىلارغا نىسبەتەن، جايلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاتسىىتكا قىلىشىچە، جياڭشى، جىېجياڭ، تيەنجىن، بېيجىڭ، شەنشى، شاڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ، چوڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، لىياۋنېڭ، خۇنەن، يۈننەن، فۇجيەن، ئىچكى مۇڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، گۇيجۇ قاتارلىق 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا«يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتنىڭ ئەمەلىيلىشىدىن بۇرۇن ئالدىراپ ئىككى بالىلىق بولۇشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى، يەنىلا بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر