رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 29- ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق جامائەت تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان لىۋادا مەركىزى ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە،%88 رۇسىيە پۇقراسى پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئىپادىسىدىن رازى بولغان.
سىياسىيونلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 2018- يىلدىكى زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمىدا، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ پۇتىننى قوللاش نىسبىتىدە يۇقىرى سەۋىيە ساقلىنىشى مۇمكىن، پۇتىننىڭ نۆۋەتتىكى قوللاش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكىتى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تەشەببۇسى ھەمدە رۇسىيە خەلقنىڭ زۇڭتۇڭغا بولغان ئىشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.