باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت مەھكىمىسى: جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9) يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئېغىر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلار ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا بولىدۇ

2015.10.30 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : «2015-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى ناھايىتى ئېغىر خىيانەتچىلىق، پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىكى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىش جىنايىتى ماس كېلىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرمەيدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئىككى يىللىق مۇددىتى توشقاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا يىنىكلىتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، جازانى يىنىكلەتمەسلىك ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلمەسلىك جىنايىتىگە مۇۋاپىق كەلگەنلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 383-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسا بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن ئىلگىرىكى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى جىنايىتىگە تولۇق ماس كەلگەنلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 383-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر قوللىنىلمايدۇ». بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9)>نىڭ زامان كۈچى مەسىلىسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى»دە بەلگىلەنگەن.

  جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9) 8-ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان، ئۇ 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 383-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سوت مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلارنى جىنايەت قىلمىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئىككى يىللىق مۇددىتى توشقاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا يىنىكلىتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، جازا يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېپىلىككە قويۇپ بېرىلمەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر