ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن بارلىق پارتىيەلىك يولداشلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمە بۆلۈمى تەرجىمىسى
ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 199 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 156 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.