باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىلىق دېدى

2015.10.30 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن 29-ئۆكتەبىر «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى توغرىسىدا تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. لى بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت

  دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مۇھىم تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  لى بىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، ياشانغانلار كۆپىيىشنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش، نوپۇسنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش، ئائىلىنىڭ بەختى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  لى بىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى، ئانا- بالىلار ساغلاملىقى، بالىلار يەسلىسى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىگە ياردەم بېرىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى كۆزلەش، ئەلگە مايىللىشىش، ئەل رايىغا باقىدىغان ياخشى ئىشلارنى ئوبدان بېجىرىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر