خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئۆكتەبىر خەۋىرى، غالىبىيەت مەيدانىغا جايلاشقان خېفېينىڭ سىمۋوللۇق ھەيكىلى«خەنزۇچە تۈگۈن» بەش يىل بۇرۇن بىر يەر ئاستى بوشلۇقى يېڭى تۈرىنىڭ ئېچىشى ئۈچۈن كۆچۈرۈلگنىدى. 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان شاڭخەيلىق ئايال جاڭ × ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى بۇ تۈرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغانىدى. 2012-يىلى بۇ تۈردە تۇيۇقسىز ئىش توختاپ خېفېيدىكى داڭلىق « سۆرەلمە » قۇرۇلۇش بولۇپ قالغان، مەبلەغ سالغۇچى قېچىپ كىتىپ 800 نەچچە ئائىلە جەمئىي 300 مىليون يۈەن ئالدانغانىدى. 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال خوجايىن جاڭ × ۋە ئۇنىڭ ئۆي-زېمىن چەكلىك شىركىتى توختام ئالدامچىلىقى گۇمانى بىلەن خېفېي شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدا سوتلاندى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى