باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران، سۇرىيە كىرىزىسى توغرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتتى

2015.10.29 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28- ئۆكتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەھرىفنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا 29- ۋە 30- ئۆكتەبىر ئىچىلىدىغان سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  بۇ ئىراننىڭ سۇرىيە كىرىزىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا سۆھبەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى. ئىران شىئە مەزھىپىدىن بولغان سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ئىتتىپاقدىشى. ئامېرىكا ئىراننى ئىزچىل تۈردە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە دەپ تەنقىد قىلىپ كەلدى.

  ئۇندىن باشقا، مىسىر، ئىراق، لىۋان قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، 28- ئۆكتەبىر ئايرىم ئايرىم ھالدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر