باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 70-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى لىككېنتوف بىلەن كۆرۈشتى

2015.10.29 17:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 70-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى لىككېنتوف بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرىكىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پرىنسىپىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ۋە مۇھىتىنى تەڭكەش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئورتاق ئەمما پەرىقلىق مەسئۇل بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، كۈچلۈك يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لىككېنتوف جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋىي خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىككى تەرەپ يەنە باشقا تەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر