باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە 2020 - يىلىغىچە تېز يوللانمىنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2015.10.30 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭ تەستىقلىغان «تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇ، گوۋۇيۈەن چىقارغان تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى تۇنجى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بازارنى يېتەكچى، بىخەتەرلىكنى ئاساس، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاساسىدا، «ئالاقە تورى+»نى تېز يوللانمىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت تورى دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يوللانمىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى، سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تېز يوللانما ئېھتىياجىنى داۋاملىق قاندۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ تېز يوللانما بازىرىنىڭ كۆلىمىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش، يېزىلاردا تور نۇقتىلىرى بولۇش، تېز يوللانمىنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، تېز يوللانمىنىڭ يىللىق مۇلازىمەت مىقدارى 50 مىلياردقا، يىللىق كەسىپ كىرىمى 800 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ھاۋا يولى تېز يوللانما يەتكۈزۈش تۈگۈنى قۇرۇلۇپ، خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى غوللۇق تېز يوللانما كارخانىلىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەر ئارا 48 سائەت ئىچىدە مال يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، خەلقئارا تېز يوللانما كەسپىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىتىلىپ، مۇلازىمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يىلىغا تەخمىنەن 200 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، يىللىق توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىغا، كۈنلۈك مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ 270 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، شەھەر، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، تېخنىكىسى ئىلغار، مۇلازىمىتى ئەلا، بىخەتەر، يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تېز يوللانما مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، خەلقئارا بىلەن تۇتاشقان مۇلازىمەت تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر»دە، چوڭ تىپتىكى تېز يوللانما كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، «ئالاقە تورى+» تېز يوللانما ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەل مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىش، ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېز يوللانما بازىرىنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، قانۇن - نىزام، پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەت بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تېز يوللانما ئاپتوموبىللىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى 34 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر