باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا ئافغانىستان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2015.10.29 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28- ئۆكتەبىر ئافغانسىتان، پاكىستاندا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.لى كېچياڭ ئەۋەتكەن ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن ئەنئەنىۋى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان يېقىن قۇشنا دۆلەتلەردىن. جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا ھېسسىداشلىق قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتكە ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە ياردەم بېرىدۇ ۋە مەدەتكار بولىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ بالدۇرراق ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ھەمدەم بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر