باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكىنى توغرىسىدا مەيدانىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى

2015.10.29 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي 27-ئۆكتەبىر ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە-خەۋەر تورى (CNN) «ئامانپور» سەھىپىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا مەيدانىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  سۈي تيەنكەي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتنى جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرىشكە ئەۋەتىش قىلمىشى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى بولۇپ، رايون ۋەزىيىتىنى ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق قىلمىشى بولىدۇ. جۇڭگو ۋە مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.سۈي تيەنكەي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىمەنە ۋە ساختا. بىر تەرەپتىن باشقىلاردىن رايون ۋەزىيىتىنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى دائىم بۇ رايونغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ. «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»دا سۇ يولىدا مېڭىش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكى، بىخەتەر ۋە خەۋپسىز ئۆتۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا ھازىرغىچە بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلمىدى، قىلمىشىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا زىت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر