باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىگە تەييارلىق كۆرۈش مەسىلىسىدە تېلېفونلاشتى

2015.10.29 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس 28- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن شۇ كۈنى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتكە تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: فابىيۇس لاۋروفقا 27- ئۆكتەبىر كەچتە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەتلەر دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنىڭ كېڭىشىش نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى. فابىيۇس سۇرىيەدىكى مۆتىدىل گۇرۇھلار بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا ئەمەس، بەلكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش؛ سۇرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ پۇقرالارنى قوغداشتىن ئىبارەت ئالدىن ئويلىشىدىغان ئۇچ مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر