باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شېچېڭ(携程)»، «نەگە بارىسىز(去哪儿)» تور بېكىتى قوشۇۋېتىلدى، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ

2015.10.29 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شېچېڭ» بىلەن «نەگە بارىسىز» قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، قوشۇۋېتىلگەن كېيىن «بەيدۇ» «شېچېڭ»نىڭ تەخمىنەن %25 ئومۇمىي بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، «شېچېڭ»نىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكىگە ئايلىنىدۇ، «شېچېڭ» «نەگە بارىسىز» تور بېكىتىنىڭ %45 ئومۇمىي بىلەن تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، «نەگە بارىسىز» تور بېكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ تور بېكىتىنىڭ قوشۇۋېتىلگەنلىكىگە قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: تۆۋەن باھالىق مېھمانساراي، ئايروپىلان بېلەتلىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، لېكىن پەسىللىك ئېتىبار بېرىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ.

  «شېچېڭ»، «نەگە بارىسىز» قوشۇۋېتىلسە مونوپوللۇق يۈز بېرەمدۇ؟

  ئىگىلىنىشچە، «شېچېڭ»، «نەگە بارىسىز»نىڭ ھەممىسى تور ساياھەت ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار بولۇپ، بۇ قېتىم قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن «شېچېڭ»نىڭ تور ساياھەت بازىرىنىڭ تەخمىنەن %40 ۋە «نەگە بارىسىز» تورىنىڭ %30ى بىرلىكتە «بەيدۇ» بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئۆز ئالدىغا، زور مونوپوللۇق كېلىپ چىقامدۇ؟ دەپ قارىدى. بېيجىڭ ساياھەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ سىمىن مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى مونوپوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى مەركەزلىشىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىلگىرىكىدەك تارقاق، ئاجىز بولۇشتەك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. مونوپول قىلىشقا بەلگىلىك چەك كېتىدۇ، بولمىسا باشقا تىجارەتچىلەرنى كونترول قىلغانلىقى ياكى ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھازىرقىدەك ئالاقە تورى شارائىتىدا بۇنداق چەكنى بېكىتىش تەسكە توختايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر