باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

ئۈندىدار، مىكرو بىلوگلاردا ئېغۋا تارقاتقۇچىلارغا ئەڭ ئېغىر بولغاندا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

2015.10.29 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يالغان، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بۇ يىل 1-نويابىردىن باشلاپ ئەڭ ئېغىر بولغاندا يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

  1-نويابىر يولغا قويۇلىدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(9)» ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 291-ماددىسىغا مۇنداق بەلگىلىمە قوشۇلغان: يالغان، ساختا خەتەرلىك ئەھۋال، كېسەللىك ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋاللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇچۇر ئالاقە تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقىتىپ ۋە ياكى يۇقىرىقىلارنىڭ يالغان، ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۇچۇر ئالاقە تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقىتىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقان قىلسا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېغۋا تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا 2006-يىلى 3-ئايدا يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش، جازالاش قانۇنى»نىڭ 25-ماددا 1-تارمىقىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئېغۋا تارقاتقان، يالغاندىن خەتەرلىك ئەھۋال، كېسەللىك ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق قەستەن جامائەت تەرتىپىنى بۇزغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ۋە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر