باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «پاختا شەھىرى لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.30 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر «مەكتەپ پۇتپول ھەرىكىتى»نى دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر دەپ قارىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ بەدەن چىنىقتۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتەك ئىسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىلىك مەشقلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

  يېقىندا ئاۋات ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «پاختا شەھىرى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ نۆۋەتلىك مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلدى.باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىكىسى 7كىشلىك، تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 9كىشلىك ئۆتكۈزۈلدى.ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە 40مىنۇت داۋاملاشتى. مۇسابىقىگە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 26ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى مەكتەپ ھويلىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئۇتكۇزۇلىشى، كەڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبۇل ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماي، مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر