خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: كورلا شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان، "خوشاللىق ئىچىدە ئۆگىنىش، خوشاللىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش'' ئاساسىي مائارىپ تۈرى بويىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۇقۇرى يىللىقلار ئارا ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن دەرسلىكلىرى بويىچە ''قوش تىلدا'' دەسخانا ئوقۇتۇش مۇھاكىمە پائالىيىتى 28-ئۆكتەبىر كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 60 دىن ئارتۇق ماتېماتىكا، ۋە ئىلىم-پەن ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشتى.
سۈرەتتە: ئاساسىي مائارىپ تۈرى بويىچە دەسخانا ئوقۇتۇش مۇھاكىمە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى