باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 21 رايون ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشىدى ئوتتۇرىچە ئۆستۈرۈش نىسبىتى %13.3 بولدى

2015.10.29 09:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : بۈگۈن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى 2015- يىللىق 3- پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جۇڭ 2015- يىللىق3- پەسىللىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئوقتۇردى. لى جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:3- پەسىلدە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. «ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچى ئەۋەتىش، ئىشچى ئىشلىتىش نىسبىتىنى تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىندى. كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى تەقسىماتىنى ماكرولۇق تەڭشەش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى مۇقىم ۋە ئېھتىيات بىلەن تەڭشەلدى، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەتتىكى 21 رايون ئەڭ تۆۋە ئىش ھەققىنى تەڭشىدى، ئوتتۇرىچە ئۆستۈرۈش نىسبىتى %13.3 بولدى. ئەمگەك ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، جايلارنىڭ كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلدى، 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن مەزگىلدە ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت قىلغان ئىش ھەققىنى ھېسابلاش تارقىتىش ئۇسۇلى بەلگىلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر