باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭنىڭ كورىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئىچىلدى

2015.10.28 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كورىيەدە زىيارەتتە بولۇشى ھەمدە جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگولۇق-چەتئەللىك تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جېنمىن، سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى تۇڭ داۋچى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. ليۇ جېنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كورىيەدە زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن كورىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ياخشى ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «تۆتتە شېرىكلىشىش» يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زۇڭلى لى كېچياڭ زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ پاك گۇنھى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، كۈتىۋېلىش زىياپىتىگە ھەمدە بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنشىگە تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ. تۇڭ داۋچى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ زىيارەت مەزگىلىدە، كورىيە، ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇش، جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، مالىيە-پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ئولىمپىك ئىقتىسادى، يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، مۇھىت ئاسراش، ئايلانما ئىگىلىككە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىقتىساد-سودا قارالمىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، زىيارەتتە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەدە، ساھەلىرى، كۆلىمى كەڭ، كۆپچخىللاشقان، قۇرۇلمىسى سەرخىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر