باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

2015.10.30 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) 2014- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان تىز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تۆت تۈرلۈك تۈزۈم ئورنىتىپ،كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سۇبېيكتىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاۋات ناھىيىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تىز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەنقوللاپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يۇلۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئاۋات ناھىيىسىنىڭ مىللىيچە كىيىم تىكىش زاۋۇتى تۈرى–ئاپتونوم رايون ياردەم بەرگەن تىز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى، بۇ تۈرگە جەمئىي 4مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا ئۆزى 3مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان، بىر مىليۇن يۈەن مەبلەغ مەخسۇس ئىلتىماس قىلىنغان. تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كىيىم تىكىش كارخانىسىدا كىيىم تىكىش ماشىنىسى 120گە يەتكۈزۈلدى.يەرلىكتە120دىن كۇپرەك ئايال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر