باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن يالغان ساقچى تۇتۇلدى

2015.10.30 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 90-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان ئەر لۈ xxھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كىيىن، قاتناش ساقچىسى ماشىنىدىن بىر ساختا ساقچى كېنىشكىسىنى تاپقان. بۇ ئەر ئۆزىنى ئاقلاپ تېپىۋالغان دىگەن. قاتناش ساقچىسى ساختا ساقچى كېنىشكىسىدىكى ئىسىم بىلەن شوپۇرلۇق كېنىشكىسىدىكى ئىسىمنىڭ ئوخشاشلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، بۇ ئەر سالپىيىپ قالغان.

  قاتناش ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نەق مەيداندا نەپەستىن ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرگەندە ، لۈ xx نىڭ قېندىكى ئىسپىرت مىقدارى107mg/100ml بۇلۇپ، مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمان قىلىنغان.

  كېيىن، قاتناش ساقچىلىرى بۇ ئەرنى ئېلىپ قان ئېلىپ تەكشۈرگەن ۋە تەپتىش ئورگانلىرىغا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر