باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ

---تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2015.10.28 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىدىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىگىچە نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ «شەھەرلىشىش چۈشى» ئەمەلگە ئاشتى.

  ئىسلاھات تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇنى قوغداۋاتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى 21-ئۆكتەبىر «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)»نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇنىي ھۆججەتتىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ كەلگۈسىنى، نوپۇس ئىسلاھاتىنىڭ چېرتيوژىنى شۇنداقلا قەيەردە ئىسلاھات بولسا، قانۇن چىقىرىشنىڭ شۇ يەردە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، ئىسلاھاتنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلدى. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن باشقا مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىغىچە؛ يەر ئوبوروتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتىدىن جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتىغىچە ھەممىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار قانۇن تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، ئۆزگەرتىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىسلاھاتقا بولغان يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش يېڭى نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشقا يۈكسەك ئېتىبار بەردى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 190 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 17 قېتىم يىغىن ئېچىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قارالمىلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى؛ ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا بويسۇنۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز يېتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ھوقۇق بار دەپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم مەمۇرىي قارارلاردا خاتالىق ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىققا قېلىشتىن تارتىپ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيە دېلولىرىغا قول تىقماسلىقى، يولۋاس، چىۋىننى قانۇن بويىچە جازالاش سالمىقىنى زورايتىشتىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ھارام پۇل، ماللىرىنى قوغلاپ تۇتۇشنى پائال قانات يايدۇرۇشقىچە ھوقۇق بارا-بارا تۈزۈم بىلەن قەپىسىنىڭ ئىچىگە كىردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر