باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ

2015.10.29 09:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ 27- ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى چىڭىتىش ئاساسىدا، ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئالاقىدار فوندنى تەقلىدى ئايلىنىش بويىچە ھېسابلاش قانات يايدۇرۇلدى ھەم لايىھە دەسلەپكى تىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى، يەنىمۇ دەلىللەنگەندىن كېيىن مۇۋاپىق پەيتتە گوۋۇيۈەنگە يوللىنىدۇ.

  لى جۇڭ 27- ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنىڭ كۆپ قاتلاملىقىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش،ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىدىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن قارىغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىز كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى چىڭىتىش ئاساسىدا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر