باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شالدىراڭ كەنتىدە ‹‹مائارىپ فوندى›› قۇرۇلدى

2015.10.28 18:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى شالدىراڭ كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار يېقىندا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلىكتە مائارىپقا ياردەم بېرىش يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا شالدىراڭ كەنتىدە ‹‹مائارىپ فوندى›› قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 71 مىڭ 645 يۈەن توپلاندى.

  يىغىندا شالدىراڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇل تۇرسۇننىياز سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇنى شالدىراڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى. شالدىراڭ كەنتى پۇلۇق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر ئاخۇنۇم نەق مەيداندا 500 يۈەن ئىئانە قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ خارەتچىلىك، سىرچىلىق ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ، شالدىراڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۈستەل – ئورۇندۇقلىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ، سىنىپ ۋە قورۇ تاملىرىنى ھەقسىز ئاقارتىپ بېرىدىغان بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر