باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى بۇلۇتسىمان ھېسابلاش مەركىزىگە ئۇل سېلىندى

2015.10.28 18:50         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھىرىمىزدىكى تۇنجى بۇلۇتسىمان ھېسابلاش مەركىزى 20- ئۆكتەبىر شەھىرىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) غا ماكانلاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، 1 - باسقۇچتا 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 8000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە كومپيۇتېرخانا سېلىنىدىكەن، 2016- يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

  بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئامبار قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن. شەھىرىمىزنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ تىللىق مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىقتىساد تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇلۇتسىمان ھېسابلاش ئەندىزىسى بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە بايلىق تەننەرخىنى تېجەپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاشقان كارخانا بىلەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، رايوننىڭ بۇلۇتسىمان ھېسابلاش كەسپى تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدۇ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، شەھەر باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  شىنجاڭدا 12 تۈر دۆلەتنىڭ 2014- يىللىق مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى بۇلۇتسىمان ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى بۇ مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر