باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئەمەلدارى ئىراننى سۇرىيە مەسىلىسى كۆپ تەرەپلىك سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق دېدى

2015.10.29 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 27-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىراننى سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. نۆۋەتتە ئىران تېخى بۇنىڭغا رەسمىي جاۋاب قايتۇرمىدى. سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كۆپ تەرەپلىك سۆھبىتى 29-، 30-ئۆكتەبىر ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىنادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كوبى شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ۋىناغا بېرىپ سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ، سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا تۈرتكە بولىدىغان كۆپ تەرەپلىك رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتكە ئالاقىدار 12 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. كوبى ئىراننى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر