باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتىن ئامېرىكىسىدا «2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش» ھادىسىسى ئومۇملاشماقتا

2015.10.29 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئارگېنتىنا مەملىكەتلىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككى نامزات قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەچكە ھەمدە ئاۋاز سانى تەڭلىشىپ قالغاچقا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش مۇقىملىشىپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىشىشى داۋامىدا، سايلىغۇچىلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشتەكلا بولۇپ كەتتى.

  ئارگېنتىنا سايلىمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشىدە، 12 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سول قانات «غەلىبە فىرونتى»نىڭ نامزاتى چورى بىلەن ئوتتۇرا ئوڭ قانات «ئىسلاھات» ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى ماكرى ئېرىشكەن ئاۋاز پەرقى ئىككى پوئىنت ئەتراپىدا بولدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك سايلامدا «غەلىبە فىرونتى» تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتىلا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلغان ئەھۋال قايتا كۆرۈلمىدى.

  ئوخشاشلا 10-ئاي، بۇلتۇر قوشنا دۆلەت برازىلىيەدە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئويىدا بولۇۋاتقان سول قانات ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى روسسېف بىلەن ئوڭ قانات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نېۋىسنىڭ رىقابىتىمۇ ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا روسسېف ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە ئۈچ پوئىنت ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. بۇندىن باشقا، ئۇرۇگۋايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سول قانات پارتىيە ئوخشاشلا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە غەلىبە قىلىش ئارقىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سول قانات ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشنى ئويلاۋاتقان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە غەلىبە قىلىش تارىخقا ئايلاندى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش ھادىسى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، سول قانات ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەنى يېڭىشى ئاسان ئەمەس، ئىككىلىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ئىجتىمائىي توپلارنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭشەلمەكتە، بۇرۇنقى «بايلار» بىلەن «كەمبەغەللەر»نىڭ بېرىدىغان ئاۋازى ئىككى قۇتۇپلىشىدىغان يۈزلىنىش بارغانسېرى سۇسلاشماقتا، ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار سىياسىيغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق كۈچكە ئايلانماقتا.

  ئۆتكەن ئون يىلدا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قاناتلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەتلەر نامراتلىقنى تۈگىتىش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. دۇنيا بانكىسى 2012-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا تەخمىنەن 50 مىليون كىشى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار قاتلىمىغا كىرىپ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ نىسبىتى %50 كۆپەيگەن.

  ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سول قانات ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ سايلىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىقتىسادى بۇسۇغىسىمۇ ئۆستى. بۇرۇن كىيىم-كېچەك، ئاش-تاماق يېتەرلىك بولسا، سۇ، توك، كۆمۈر، گاز ئۆيگە كىرسىلا بولاتتى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ ۋە داۋالىنىش بولمىسا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلىكى ۋە پۇل پاخاللىقى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆپەيتىۋەتتى. بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ ئاۋاز بېرىش خاھىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئارگېنتىنا سايلىمىدىكى ئاۋاز بېرىشتە، «غەلىبە فرونتى»نىڭ نامزاتى چورى ئېرىشكەن ئاۋاز دەسلەپكى سايلامدىكىگىمۇ يەتمىدى، ئۆكتىچىلەرنىڭ نامزاتى ماكرى ئېرىشكەن ئاۋاز ئويلىمىغان يەردىن زور دەرىجىدە ئاشتى. سىياسىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئاز سايلىغۇچىلاردا تەۋرىنىش بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتقان بولسىمۇ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قالاقلىقىدىن نارازى بولۇۋاتقانلىقى، تېخىمۇ رېئال مەسىلە، تۆۋەن كىرىم كاپالىتىدىن بەھىرلەنگۈچىدىن باج تاپشۇرغۇچىغا ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، ھازىرقى ئىقتىسادىي مۇھىتمۇ ئىككىنچى نۆۋەت ئاۋاز بېرىش ھادىسىسىنىڭ مۇھىم ئارقا كۆرۈنىشى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىدا سول قاناتلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان مەزگىل دەل خەلقئارا كۆپ مىقتارلىق تاۋارلار سودىسى ئاۋات مەزگىل بولۇپ، سودا ۋە ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. ئەمما خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى باشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەندىزە كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئاۋاتلىق مەزگىلىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن داۋاملىشالماي قالدى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ نۇقۇللىقى، ئېكىسپورتقا زىيادە تايىنىش ھەمدە ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرى قايتا ئاشكارىلىنىپ، ھەرخىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تۇغدۇردى.

  پارىژ سىياسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى ئولىۋى دابىنى «لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قاناتلار: 1998-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە» ناملىق كىتابىدا قىياس قىلىپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مالىيە چىقىمىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش زۆرۈر، بۇ سول قاناتلارنىڭ ئەلرايى ئاساسىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن، ئەمما ئىقتىسادىي كىرىزىسنى كۆپ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەنۇبىي ئامېرىكىلىقلار يېڭى لېبىرالىزىم دەۋرىگە قايتىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بىر ئېھتىماللىق شۇكى مەيلى سول قاناتلار ياكى ئوڭ قاناتلار بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوتتۇرا ھال يولغا يېقىنلىشىپ، ئەڭ كەڭ دائىرىدە سايلىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر