كوتىدىۋانىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئوتتارا سايلامدا غەلىبە قىلدى
2015.10.29 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كوتىدىۋا مۇستەقىل سايلام كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 28-ئۆكتەبىر سەھەردە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، كوتىدىۋانىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئاراسان ئوتتارا %80 تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلدى. مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەت ئەربابلىرى ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوتتارا ئۈچ مىليون يۈز مىڭ، يەنى %83.66 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاساسلىقى رىقابەتچىسى، كوتىدىۋا خەلق فىرونتىنىڭ نامزاتى نىگۇساننى مەغلۇب قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر