باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلارغا رەھمەت››

2015.10.28 18:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى مۇھىت ئاسراش يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سىداۋچا ئاھالىلەر كومىتېتى سىداۋچا مەھەللىسىگە بارسىڭىز، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن بىللە، غەربىي بىرىنچى كوچا يولىنى ياساۋاتقانلىقىنى، كادىرلارنىڭ بۇ ئىشىدىن مەمنۇن بولغان ئاممىنىڭمۇ يولدىكى تاشلارنى توشۇپ، ئۇلارغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

  غەربىي بىرىنچى كوچىسىدىكى توپا يول سىداۋچا مەھەللىسىدىكىلەر ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم يول. بىراق بۇ يول بەكلا ناچار بولغانلىقتىن، ھەر قېتىم بوران چىقىپ، قار – يامغۇرلۇق كۈنلەر بولغاندا بۇ يولدىن چاڭ – توزان كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە يەر لاي – پاتقاق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. بۇ يەرگە چۈشكەن كادىرلار بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ كېلىپ، بۇ يولنى ياساشقا تۇتۇش قىلغانىدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يىل 3 – ئايدا ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، مەھەللە كومىتېتى ئىشخانىسىنى ئاقارتىش، ئۇنىۋېرسال خىزمەت زالىنى ياساش ۋە نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشىدىن باشقا، 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، سىداۋچا مەھەللىسى غەربىي بىرىنچى كوچا يولىنى ياساشقا باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇشقا 250مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كەتكەن بولۇپ، قۇرۇلۇش يېقىندا پۈتكەن.

  -خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇرچىمىز، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئامما خۇشال بولسا، بىزنىڭ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟- مانا بۇ بۇ يىل 3 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى تارماقلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى مۇھىت ئاسراش يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سىداۋچا مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى، سۈپەت تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋفىڭنى زىيارەت قىلغاندا دېگەن سۆزى.

  سىداۋچا ئاھالە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نۇرگۈل روزى مۇنداق دېدى: شەھەردىن كومىتېتىمىزغا چۈشكەن كادىرلار مەھەللىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش ۋە كەسپىي خىزمەتلەرگە ياردەملىشىپلا قالماي، يەنە مەھەللىدىكى يېتىم – يېسىر، ئاجىزلارنى يوقلاش، كوچىغا چىراغ ئورنىتىش، يول ياساش قاتارلىق خەلققە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتىنى ھەقىقىي قانات يايدۇردى. ئاۋام بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال، بىزمۇ خەلق ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر