- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
16 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر تىل - يېزىق، تەرجىمە خىزمىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
2015.10.30 13:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ھەققىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى : تىل-يېزىق، تەرجىمە خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ساداسىنى توغرا ۋە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، تەرجىمە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىنى موللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىلغار پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىدۇ، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە قولاي، ئىناق، راۋان ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق، تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شىزاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق 14 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستتىن كەلگەن 19 خىل تىلدىكى 20 مىللەت ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر