خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 29 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندە 10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدىكى جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ بولۇپ 1800 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كارخانىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى، ئىجادىيەتلىرى ۋە يېڭى تۈرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 120 كۋادىرات مېتر كۆلەمدىكى يايما ئورنىدا 30 غا يېقىن شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت كارخانىلىرى 4 چوڭ تۈر يەنى: شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى، شىنجاڭ تاشقى مەدەنىيەت سودىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى نەپىس بويۇملىرى يايما ئورنى بويىچە 60 يىللىق تەرەققىياتنى نامايەن قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى كەسىپلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى غېنىجان كېرىم مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4 – قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى، بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مەدەنىيەت كەسىپلىرى ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە سىرتقا چىقىشىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەشۋىقاتىنى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى 2005 – يىلى باشلانغاندىن بۇيان ياراتقان مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى قىممىتى تۇنجى نۆۋەتلىكتىكى 67 مىليارد 410 مىليون يۈەندىن 2014 – يىلىدىكى 282 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى