باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاق قوۋۇقتا بىرەيلەن بالا بۇلىدى دېگەن خەۋەر يالغان

2015.10.30 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق خەۋەر پەيدا بولۇپ قالغان: «بۈگۈن ئاق قوۋۇقتا بىرسى كىچىك بالىنى بۇلاپ مەقسىتىگە يىتەلمەي، بالىنىڭ ئانىسىغا پىچاق تىقىۋەتكەن، بۇ ئاپتوموبىلنى كۆرگەنلەر دىققەت قىلىڭلار، ئاپتوموبىلنىڭ نومۇرى خېبېي DS6005 ». تۈنگۈن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ خەۋەر يالغان ئىكەن .

  تۈنگۈن، ئۈندىدار ۋە QQ توپىدا، بىر قىسىم تورداشلار يەنىلا بۇ خەۋەرنى تارقاتقان.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىنلاڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق بۇ خەۋەرگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: توردا بۇ خەۋەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزى ۋە تيانشان رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سېلىشتۇرۇپ ئېنىقلاپ، يېقىندا ئاق قوۋۇق ئەتراپىدا بۇ خىل دېلونىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بايقىغان ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئانىلار خاتىرجەم بولۇڭلار. خەلق ساقچىلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بۇ خىلدىكى ئېنىقلانمىغان خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 110 غا تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاڭ، ئاسانلىقچە ئىشەنمەڭ ۋە تارقاتماڭ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر