- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كورىيەدە ئايرىلىپ كەتكەنلەرنى جەم قىلىش ساداسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
2015.10.29 08:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە بىلەن چاۋشيەندىكى ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى 20-قېتىم جەم قىلىش پائالىيىتى 26-ئۆكتەبىر چاۋشيەننىڭ كۇمگاڭساندا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كورىيەدىكى جەم قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى 27-ئۆكتەبىر پارلامېنتتا سۆزلىگەن سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش نۇتقىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت بارلىق تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلارنى جەم قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشى كېرەك. «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»، «كورىيە گېزىتى»، كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق كورىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ باش ماقالىلىرىدە، ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى جەم قىلىشنى تېزدىن دائىملاشتۇرۇش، قەرەللەشتۈرۈش ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلارنى جەم قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇراجىئەت قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر