باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو–پاكىستان تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

2015.10.28 18:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يولنىڭ يىل بويى راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  ۋاڭ يۇڭفېي، شېن ياپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىز 19 – ئۆكتەبىر جۇڭگو – پاكىستان تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن (2635 مېتىر) تاق يۆنىلىشلىك، ئالاھىدە ئۇزۇن تاغ ئۇلى تەشمىسى بولغان قوڭۇر تەشمىسىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈق. بۇ تەشمە 10 – ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈپ، تۇتاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو – پاكىستان تاشيولى دۆلەت ئىچى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش كېلەر يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرى پۈتىدىكەن، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، جۇڭگو – پاكىستان تاشيولىنىڭ يىل بويى راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  جۇڭگو – پاكىستان تاشيولى (قاراقۇرۇم تاشيولى) ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول بولۇپ، بۇ تاشيول 1979 – يىلى ياسىلىپ، 1986 – يىلى 5 – ئايدا سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. جۇڭگو – پاكىستان تاشيولى شىمالدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جۇڭگو – پاكىستان چېگرا پورتى قونجىراپتىن ئۆتۈپ، جەنۇبتا پاكىستانىڭ شىمالىدىكى تاكوت شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن، بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1224 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 415 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  جۇڭگو – پاكىستان تاشيولى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەككىز خەلقئارا چوڭ تاشيولىنىڭ بىرى بولۇپ، قاتناش مىنىستىرلىقى پىلانلىغان غەربىي رايوننى ئېچىش تاشيول لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي بەلباغ تاشيولىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئويتاغ بازىرىدىن بۇلۇڭكۆل سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ بېسىپ كەتكەن رايونىغىچە بولغان بۆلەك جۇڭگو – پاكىستان تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يول بۆلىكىدۇر. جۇڭگو تۆمۈر يولى 15 – ئىدارىسى گۇرۇھى 314G لىنىيەسى 1 – بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى جۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يول دائىم كەلكۈن ۋە لاي – شېغىللىق ئېقىننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاچقا، قاتناش ئۇزۇلۇپ قالاتتى؛ بولۇپمۇ ھەر يىلى 12 – ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قار – شىۋىرغاننىڭ تەسىرىدە قاتناش توسقۇنلۇققا ئۇچرايتتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ يول قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، جۇڭگو – پاكىستان تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 314G لىنىيەسىنىڭ ئويتاغدىن بۇلۇڭكۆلگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ تاشيول قورۇلۇشى تۈرىدە 2013 – يىلى 8 – ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 70 كىلومېتىر كېلىدىكەن، دەسلەپكى خامچوتتىكى مۆلچەرىي ئومۇمىي مەبلەغ 2 مىليارد 317 مىليون 810 مىڭ يۈەن ئىكەن. بۇ قېتىم ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن، تاشيولنىڭ دەرىجىسى 2 – دەرىجىلىك ئۆلچەملىك تاشيولغا يەتكۈزۈلىدىكەن، يولنىڭ كەڭلىكى ئەسلىدىكى يەتتە مېتىردىن ئون مېتىرغا كېڭەيتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر