باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

شىنجاڭ ئىستۇدېنتلار كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى

2015.10.29 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالاقە تورى + » ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۈرۈمچى كائىنات پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» كارخانا كوماندىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئالتۇن ئون مىنۇت قۇتقۇزۇش ئەسۋابى›› تۈرى كوماندىسى ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئالاقە تورى+يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇمىي كەسىپلەر زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى مۇلازىمەت سۇپىسى»، « 52 مىكرو مەكتەپ» ، «بېيشىن قۇلايلىق ئىجارە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى» دىن ئىبارەت تۈر كوماندىسى ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا « ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى» نى يولغا قويىدىكەن ھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى»13 – بەش يىللىق» يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مائارىپ بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلىمى زور، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئەمەلىيەتكە دادىل يۈزلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر