باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار بىر تۈمەن كىشى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىنىدۇ

2015.10.29 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە «خەير- ساخاۋەت- يىراق مۇساپىدىن دۇنياغا نەزەر» مەخسۇس تۈر فوندى شىنجاڭ مەخسۇس تېما يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بۇ تۈر فوندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نامرات بىر تۈمەن كىشىنىڭ كۆرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى.

  بۇ يىل سەككىزىنچى ئايدا جۇڭگو مېيىپلار پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى بىلەن بېيجىڭ يىراق مۇساپىلىق نەزەر گوروھى بىرلىكتە «خەير- ساخاۋەت-يىراق مۇساپىدىن دۇنياغا نەزەر» مەخسۇس تۈر فوندى قۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ فوند شىنجاڭدىكى پائالىيەتنى باشلىدى. پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوپراتسىيە شەرتىگە چۈشىدىغان كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نامرات كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى تەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر