باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غانىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2015.10.28 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ 27-ئۆكتەبىر ئافغانىستاندا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غانىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  ئافغانىستاندا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئاپەتتە يارىلانغانلاردىن ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  جۇڭگو-ئافغانىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورناتقان قوشنا دۆلەت. جۇڭگو خەلقى ئافغانىستان خەلقىنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۇچرىغان بەخىتسىزلىكىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ، جۇڭگو ئافغانىستانغا قولىنىڭ كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىم ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئاپەتنى يېڭىپ چىقىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر