باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى «جۇڭگو-ئەنگلىيە نۇسخىسى» دىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق

2015.10.28 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت «جۇڭگو-ئەنگلىيە نۇسخىسى» دىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «پايدا ئورتاق گەۋدىسى»، «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشى ھەققىدىكى تەشەببۇسى ئەنگلىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كېس بېننېت مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرى ئاقىلانىلىق بىلەن چىقىرىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بىردىن بىر ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تاللاش. گۈللەنگەن، ئىناق كەلگۈسى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، بۇ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر