باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم يىتىم ئېغىر بولدى

2015.10.29 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىنگىچە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھىندىقۇش رايونىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە 115 ئادەم قازا قىلدى، 500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. يەر تەۋرەشتە قوشنا دۆلەت پاكىستاندا ئاز دېگەندىمۇ 248 ئادەم قازا قىلدى، 1665 ئادەم يارىلاندى. ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىردەك: يەر تەۋرىگەن بىر قىسىم رايونلار چەت ياقا تاغلىق رايون بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە قىيىنچىلىق كۆپ بولماقتا دېدى.

  ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد ھەسەن سايا مۇنداق دېدى: قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار مۆلچەردىكىدەك كۆپ ئەمەس. چۈنكى يەر تەۋرەش باشلانغاندا بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، كىشىلەرگە قېچىش پۇرسىتى بولدى. لېكىن يەر تەۋرىگەن رايونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەت ياقا تاغلىق رايونلار بولغاچقا بەزى يوللار يەر تەۋرەشتە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ توسۇلۇپ قالغاچقا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا كىرىشتە قېيلىنىپ قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز چېدىر، ئەدىيال، كېيىم-كېچەك ۋە قاچا-قۇچىغا ھەممىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر