باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ تەكشۈرىلىدۇ

2015.10.29 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ئۆكتەبىر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىدىكى كارخانىلارغا چېتىشلىق قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى ئوڭشاشقا ئالاقىدار تەلەپلەر ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015-يىلى 4-پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىش تىزىملىكى تۈزىمى ئورنىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا چېتىشلىق قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان سېلىق سېلىشنى تۈزەش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مىخانىزم تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بىرلەشمە كېڭەش مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلايدۇ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىدۇ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى گوۋۇيۈەنگە سۇنىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق پۇرسەتتە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر