باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەردىكى يەرلىك باج سىستېمىسىدىن 26 ئىدارە باشلىقى چىرىكلەشتى

2015.10.26 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 85 قېتىم باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى قۇبۇل قىلغان، بىر مىليون 380 مىڭ يۈەن نەق پۇل قۇبۇل قىلغان، 307 مىڭ يۈەنلىك كارتا ۋە سوۋغات قۇبۇل قىلغان، يېقىندا خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ شىنيۈنگە مۇددەتلىك 8 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. بۇ دېلو يەنە يەرلىك باج سىستېمىسىدىكى 60تىن ئارتۇق كادىر، خىزمەتچىلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىدارە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىدىن 26 نەپەر كىشى بار.

  گاۋ شىنيۈنگە ئاخىرقى كېسىم چىقىرىلىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەنياڭ شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىغا بىۋاستە قاراشلىق تارماق ئىدارىنىڭ سابىق باشلىقى جوۋ سوڭشەن، نەنياڭ شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېنشۇي قاتارلىقلارمۇ ئايرىم ھالدا مۇددەتلىك 11 يىل 6 ئايلىق ۋە 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر